تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 5967 (22-يانۋار)

22-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 5967 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 163 مىڭ 342 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 6018 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 734 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 149 كىشى قازا قىلىپ، 6018 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 296 مىڭ 50 كە، قازا قىلغانلار 24789 غا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2003 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 778 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2021 11:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق