ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرلۈك ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا

يېقىنقى ئايلاردا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مەلۇم جەھەتتىن ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن بىرسىدە قەشقەر شەھىرىدىكى مەلۇم ياڭاق ئاقلاش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئاياللىرى كۆرسىتىلگەن، يەنە بىر سىندا ياش قىزلاردىن تەركىب تاپقان بىر زاۋۇتتا قىزلارنىڭ كىيمە چاچ تىكىۋاتقانلىقى، ئۈچىنچى بىر سىندا ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ روژدېستۋا بايرىمىدا دەرەخ بېزەيدىغان بېزەكلەرنى ياساۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇلتۇر بىر قىسىم خەلقئارالىق تاراتقۇلار خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان كىيمە چاچلارنىڭ، روژدېستۋا بايرىمىلىق سوۋغاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئامېرىكا تاموژنىسىمۇ بىر قېتىم نەچچە توننىلىق كىيمە چاچنى تۇتۇپ قالغان ۋە بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يۇقىرىقى سىنلار بۇنىڭ يەنە بىر دەلىل-ئىسپاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كېلىپ خىتايغا قارشى ئەيىبلەشلەر كۈچىيىشكە باشلىغاندا، خىتاي يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بۇ تۈردىكى تەشۋىقات سىنلىرىنى تەييارلاپ كۆپلەپ تارقىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىش ئورنىغا ئىگە بولغانلىقىنى، ئالغان مائاشلىرى بىلەن تۇرمۇش غەملىرىنىڭ تۈگەپ، «خۇشال-خۇرام» ياشاۋاتقانلىقىنى داۋراڭ سالماقتا.

بۇ خەۋەر 1126 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2021 18:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق