ياۋروپا ئىتتىپاقى تەيۋەن مەسىلىسىدە قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىككى قارار ماقۇللىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئىككى قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئورتاق تاشقى بىخەتەرلىك سىياسىتى»دە بۇ يىل يولغا قويۇشقا تېگىشلىك قارار ئىكەن. قاراردا تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيچىلىك ۋە خىتاينىڭ يېقىندا تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا بولغان ئەندىشىسى ئىپادىلەنگەن.
قاراردا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتلەرگە كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشىنى قوللاشقا چاقىرغان. شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقە سىياسىتىنى قايتا تەكشۈرۈپ، خەلقئارادىكى شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەيۋەننىڭ دېموكراتىيەسىنى چەت ئەلنىڭ تەھدىتىدىن ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەيۋەن ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش قارارىنى ماقۇللىغانلىقىغا، كونكرېت ھەرىكەتلەر بىلەن تەيۋەن مەسىلىسىگە بولغان قەتئىيلىكىنى نامايان قىلغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق ئوخشاش پىكىردىكى شېرىكلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك قىممەت قارىشىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 862 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2021 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق