ھىندىستان خىتايغا قارشى ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسىنى يولغا قويدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زور تۈركۈمدىكى خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرى ۋە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى پىلانلىغان.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن بىرى بولغان ھىندىستان سېرۇم تەتقىقات مەركىزى ياساپ چىققان ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسىنى مالدىۋې، بۇتان، بېنگال، نېپال ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىشكە باشلىغان.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار تىۋىتتېر ھېساباتىدا: «ھىندىستان ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھىندىستان 20-يانۋار قوشنا دۆلەتلەرنى تەمىنلەشكە باشلايدۇ» دېگەن. نېپالنىڭ سەھىيە ۋە نوپۇس مىنىستىرى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىزگە ۋاكسىنا ئىئانە قىلىش ئارقىلىق ياخشى نىيىتىنى ئىپادىلىدى» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، زېمىن ماجىراسى سەۋەبىدىن، ھىندىستان بىلەن نېپالنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا ھىندىستان يەنە خىتاينىڭ نېپالدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نېپالغا ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان ئىشلەپچىقارغان يېڭى ۋاكسىنا بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، ئەكس تەسىرى يوق دېيەرلىك ئىكەن.

بۇ خەۋەر 863 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2021 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق