ياپونىيە خىتاينىڭ قىلمىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن دېڭىز رايونىغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 20-يانۋار ياپونىيە ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى دېڭىز بىخەتەرلىكى توغرىسىدا سىنلىق يىغىن ئاچقان بولۇپ، ياپونىيە تەرەپ خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا كۆپ قېتىم بېسىپ كىرگەنلىكىگە ۋە ياپونىيەنىڭ بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە يېقىنلىشىپ، ئۇلارنى قوغلاشقا ئۇرۇنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن، شۇنداقلا خىتاينى بۇ رايوندىكى ھەرىكىتىنى توختىتىپ، ياپونىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتىشكە چاقىرغان.
ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى يەنە شەرقىي دېڭىزدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئالاقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى، دېڭىز ۋە ھاۋادىكى تاسادىپىي توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا تېزدىن ئۇچۇر لىنىيەسى ئورنىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يېقىندىن بېرى قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىزدا قوشنا دۆلەتلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتكەن بولۇپ، يولسىزلىق بىلەن قوشنا دۆلەتلەردە زېمىن دەۋاسى قىلغان. بۇ سەۋەبلىك قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقى كۈچىيىشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 833 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2021 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق