شەرقىي تۈركىستاندا تۇپراق بېشىغا ئىسىم يېزىشمۇ چەكلەندىمۇ؟

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىنىمۇ خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. بۇ سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندا زور تۈركۈمدىكى مەسچىت ۋە مازارلار يوقىتىلدى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم مازارلىقلارنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قەبرىلەردىن ئايەتلەرنىڭ، ھەتتا مېيىتلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى خىتاينىڭ يۇقىرىقى جىنايەتلىرىنى دەلىللەپ بەرگەن.
بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەر ۋە سىنلاردىمۇ خىتاينىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىشىدىن ئامان قالغان مازارلىقلاردىكى گۈمبەز، ئاي-يۇلتۇز قاتارلىق ئىسلامىي مەنىگە ئىگە بەلگىلەرنى ئېلىۋەتكەنلىكى، نەزىر قىلىش، مېيىت نامىزى چۈشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىمۇ چەكلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1142 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2021 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق