جوۋ بايدېننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

20-يانۋار جوۋ بايدېن رەسمىي قەسەم بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ 46-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولدى.

جوۋ بايدېن 2020-يىلى ئامېرىكىدىكى دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن نامزات بولۇپ سايلامغا قاتناشقان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ۋە 45-پىرېزىدېنت دونالد تىرامپ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.

جوۋ بايدېن قەسەم بەرگەندىن كېيىنكى سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئامېرىكا كۈنى. بۈگۈن دېموكراتىيە غەلىبە قىلدى. بىزنىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار، يېڭى سەھىپە ئېچىپ، بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشايلى. مەن بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ پىرېزىدېنتى بولىمەن...» دېدى.

جوۋ بايدېن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغان بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مىنىستىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. ئۇلاردىن قارا تەنلىك ۋە تېگى ئاسىيالىق بولغان كامالا خارىس مۇئاۋىن پىرېزدېنتلىققا تەيىنلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئايال مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولۇپ قالدى. ئانتونى بىلىنكېن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى. جېك سۇلىۋان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلەندى. بىرېت مىكگۇرك ئوتتۇرا شەرقنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.

جوۋ بايدېن پىرېزىدېنت بولغان بىرىنچى كۈنى دەسلەپكى قەدەمدە 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بەزى بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پارىژ كىلېمات كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قايتا كىرىشنى قارار قىلدى، فېدېراتسىيە بىنالىرىدا ماسكا تاقاشنى يولغا قويدى ۋە بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارشى يولغا قويغان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى.

جو بايدېن كىم؟

جوۋ بايدېن 1942-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ سكرانتون شەھىرىدە ئىرېلاندىيەلىك كاتولىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1953-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دېلاۋار ئىشتاتىنىڭ كلايمونت شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. 1965-يىلى دېلاۋار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاندىن 1969-يىلى سىراكۇس ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ۋىلمىڭتوندا ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1972-يىلى 31 يېشىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، تارىختا بۇ ۋەزىپىگە سايلانغان ئەڭ ياش كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان.

جوۋ بايدېن 2008-2016-يىللىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بولغان، شۇنداقلا ئۇدا 37 يىل دېلاۋار ئىشتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان.

جوۋ بايدېن 11-ئاينىڭ 20-كۈنى 78 ياشقا كىرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ پرېزىدېنت بولۇپ قالغان. ئۇ ئىخلاسمەن بىر كاتولىك ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، جون كېننېدىدىن كېيىنكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىككىنچى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىم قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىتتا، ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىنجىلنىڭ ئۈستىگە قولىنى قويۇپ تۇرۇپ قەسەم بەرگەن. ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتتىمۇ مۇشۇ ئىنجىلنى تۇتۇپ قەسەم بەرگەن بولۇپ، ئوغلى بىئومۇ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتتا مۇشۇ ئىنجىلنى تۇتۇپ قەسەم بەرگەن ئىكەن. كاتولىك دۇنياسىدا (Kelt) ئىنجىلى دەپ ئاتىلىدىغان ئۇ ئىنجىل جو بايدېنغا ئائىلە يادىكارى بولۇپ، 1893-يىلىدىن بۇيان بايدېن ئائىلىسىدە ئەتىۋارلىنىپ ساقلانغان ئىكەن.

جو بايدېننىڭ ئوغلى بىئو 2009-يىلدىن 2017-يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ 47-مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بولغان، 1973-يىلدىن 2009-يىلغىچە دېلاۋار ئىشتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. 2015-يىلى مېڭە راكى بىلەن قازا قىلغان. جوۋ بايدېننىڭ تۇنجى ئايالى نېيلا خانتېر 1972-يىلى ۋاپات بولغان. جو بايدېن 1977-يىلى ھازىرقى ئايالى جىل جېكوبس بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى بار.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 31087 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2021 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق