تىۋىتتېر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھېساباتىنى تاقاپ قويغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىۋىتتېر شىركىتى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھېساباتىنى تاقاپ قويغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ: «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مەزمۇنلارنى ھەمبەھرىلەش چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلدى» دېگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تىۋىتتېر شىركىتى ئالدىنقى كۈنلەردە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتتېر ھېساباتىنى تاقىغان بولۇپ، تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكا تاراتقۇلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز سىلەر تىلغا ئالغان مۇناسىۋەتلىك تىۋىتتېر ئۇچۇرىغا قارىتا ھەرىكەت قوللاندۇق. چۈنكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىزنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مەزمۇنلارنى چەكلەش پىرىنسىپىمىزغا خىلاپلىق قىلدى. بىز دىنى، جىنسى، يېشى، مىللىتى ۋە ئىرقى سەۋەبلىك مەلۇم توپقا قارىتىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مەزمۇنلارنى چەكلەيمىز» دېگەن.
خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 7-يانۋار تىۋىتتېردا: «خىتاينىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئازاد بولدى. ئۇلار ئەمدى بوۋاق ياساش ماشىنىسى ئەمەس» دەپ بىلجىرلىغان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ سۆزى توردا زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقتىن، 80 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار ھېساباتى تىۋىتتېر تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغان.
گەرچە تىۋىتتېر شىركىتى قاچان تاقاپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما 9-يانۋاردىن كېيىن خىتاي ئەلچىخانىسى تىۋىتتېردا يېڭى مەزمۇن يوللاپ باقمىغان، شۇنداقلا تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ بۇ قارارى ھەققىدە ھازىرغىچە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

بۇ خەۋەر 675 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2021 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق