شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى ئارخىپ توپلاش ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى

يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تۈركىيەدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. بۈگۈن (22-يانۋار) شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى بۇ ھەقتە چارە كۆرۈش مەقسىتىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئىز-دېرىكى بولمىغانلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇقتۇرۇشتا ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە تۇتۇلۇپ كەتكەن، يوقاپ كەتكەن، قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن، ساقچىخانىلارغا چاقىرتىلىپ، سوئال-سوراققا تارتىلغان، ئايرودۇرۇملاردا ياكى چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىدا تۇتۇلۇپ قالغانلارنىڭ، شۇنداقلا نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار ۋە بۇرۇن تۇتۇلۇپ، تەكشۈرۈشى داۋام قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، ئارخىپلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى بايان قىلىندى.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا ئۇچرىغان كىشىلەر ياكى ئۇچرىغانلارنىڭ تونۇش-بىلىشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ياكى بۇ تۈردىكى كىشىلەر ھەققىدە مەلۇماتى بارلارنىڭ جەمئىيىتىمىز تەرىپىدىن تارقىتىلغان جەدۋەلنى توشقۇزۇپ ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئارخىپلاشتۇرۇش، تۇتۇلغانلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىش ۋە بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ۋە تولۇق بولۇشى ناھايىتى مۇھىم. بۇ ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ».
ئۇقتۇرۇشتا يەنە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرى ۋە رەسمىي سەھىپىسىدە جەدۋەل توشقۇزۇش ئۇلانمىسى ۋە ياردەم سوراش ئالاقە نومۇرى قالدۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر 957 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2021 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق