تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 6289 (21-يانۋار)

21-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 6289 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 165 مىڭ 109 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 6289 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 743 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 153كىشى قازا قىلىپ، 6113 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 290 مىڭ 32 گە، قازا قىلغانلار 24640 قا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2074كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 641 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2021 23:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق