ئۇيغۇر قىزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خورلۇقلار داۋاملاشماقتا

يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ روشەن ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلار بۇ سىياسەتنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بۈگۈن تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتاي بىلەن توي قىلغانلىقى ۋە خىتايچە كىيىندۈرۈلۈپ، ھويلىدىكى خىتايلارغا ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناپ بېرىۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن. سىندىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ چىرايدىكى سولغۇنلۇق ۋە مەيۈسلۈك بۇنىڭمۇ بىر قېتىملىق مەجبۇرىي توي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بۇندىن بۇرۇن تارقالغان مەلۇماتلار ۋە گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جازا لاگېرى ياكى تۈرمىگە سولىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ خەۋەر 1507 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2021 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق