تەيۋەن ۋەكىلى بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىندى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى 40 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئامېرىكا پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا رەسمىي تەكلىپ قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 46-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بايدېن 20-يانۋار قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان. مۇراسىمغا تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى شياۋ مېيچىن تەكلىپ قىلىنغان. بۇ تەيۋەن ۋەكىلىنىڭ 1979-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكا پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا رەسمىي تەكلىپ قىلىنىشى بولۇپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
1979-يىلى 1-يانۋار ۋاشىنگتون بىلەن خىتاي رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى رەسمىي ئۈزگەن. شۇندىن كېيىن تەيۋەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى غەيرىي رەسمىي مۇناسىۋەتكە ئايلانغان.
كۆرسىتىلىشچە، ئىلگىرى تەيۋەن ۋەكىللىرى ياكى تەيبېيدىن تەبرىكلەش ئۈچۈن كەلگەن ۋەكىللەر ئامېرىكا يېڭى پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق ھەممىسى ئامېرىكا پارلامېنتى ئەزالىرى تەمىنلىگەن كىرىش بېلىتى ئارقىلىق مۇراسىمىغا قاتناشقان. بۇ قېتىم شياۋ مېيچىن بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنى تەشكىللىگۈچى ئورگان تەرىپىدىن رەسمىي تەكلىپ قىلىنغان.
شياۋ مېيچىن بۇ ھەقتە سىنلىق بايانات ئېلان قىلىپ: «ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىدا تەيۋەن خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. دېموكراتىيە بىزنىڭ ئورتاق تىلىمىز، ئەركىنلىك بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز» دېگەن.
سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو 9-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى، ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەيۋەن بىلەن رەسمىي ئالاقىنى توختىتىپ، خىتاينى خاتىرجەم قىلىشنى ئويلىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئەمدى ئۇنداق ئويلىمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 797 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2021 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق