ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى سوت قارار قىلىشى كېرەك

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون 20-يانۋار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بېكىتىشتە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارار چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
19-يانۋار تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلغان قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغان ئىدى. باش ۋەزىر جونسون ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بەلگىلەش ئەدلىيە مەسىلىسى. ئەمما مەن شەخسى پىكىرىمدە، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يىرگىنچلىك دەپ قارايمەن» دېگەن.
خەۋەر ئېيتىلىشىچە، بىر دۆلەتنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سادىر قىلغانلىقى بېكىتىلسە، بۇ دۆلەت بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئورنىتىشنى توسىدىغان قانۇن لايىھەسى 19-يانۋار ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەزالارنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىنغان.
ئامېرىكىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك بۇ قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياپونىيەمۇ بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى كاتسۇنوبۇ كاتو خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەندىشە بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كاتسۇنوبۇ يەنە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتتە ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلىپ: «بىز شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز. ياپونىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئېنىق ھالدا بېيجىڭغا يەتكۈزىمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 781 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2021 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق