خىتاينىڭ جازا لاگېرى تەسۋىرلەنگەن «209 ھېكايە» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جازا لاگېردىكى ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن «209 ھېكايە» ناملىق كىتاب يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا نەشردىن چىقتى.
كىتابنىڭ ئاپتورى ئەرەب ئەدەبىياتىدا مۇئەييەن نوپۇز تىكلىگەن يازغۇچى جۇمانە شۇبانە خانىم بولۇپ، ئەرەب تىلىدا يېزىلغان. كىتاب مۇقەددىمە، ئىككى بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، جەمئىي 209 ھېكايە كىرگۈزۈلگەن.
كىتابتا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، دەپسەندە قىلىش، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا سولاش، كىشى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىگە قاماش، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈرلۈك قىيناش ۋاسىتىلىرى بىلەن سوراق قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ھېكايە تەرىقىسىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن.
كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى 28 بۆلەكتىن تەرتىپ تاپقان بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەر، خورلۇقلار ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ھېكايە تەرىقىسىدە تەسۋىرلەنگەن. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق قىز-ئاياللارنىڭ ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كىيىنىش، يۈرۈش-يۈرۈشلىرى ۋە خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىدىن قېچىپ پەرزەنت كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك جازا لاگېرغا سولانغانلىقى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.
يازغۇچى كىتابىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋاسىتىلەر بىلەن قىينىغانلىقى، ئاياللارنىڭ كامېرلاردا سىرتنى كۆرەلمەيدىغانلىقى، قاچان كۈندۈز، قاچان كېچە بولغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيدىغانلىقى، لاگېر ساقچىلىرىنىڭ مەھبۇسلارنى قامچا بىلەن ئۇرۇش، توك كالتىكى يېقىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خالىغانچە قىينايدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن.
كىتابنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى 26 بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن قىلغان ھىجرەتلىرى، ھىجرەت داۋامىدا ئۇچرىغان مۈشكۈلاتلىرى، خىتاي جازا لاگېرىدا سالغان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ مۇھاجىرلىق ھاياتىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار ھېكايىلەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.
ئالاقىدار زاتلار مەزكۇر كىتابنىڭ نەجىب كەيلانى بەش ئىلگىرى يازغان «تۈركىستان كېچىلىرى« ناملىق ئەسەردىن قالسا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسىتىنى ئەرەب دۇنياسىغا تولۇق يورۇتۇپ بېرىدىغان كىتابلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 954 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2021 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق