خىتاي ئامېرىكىنىڭ 28 سابىق ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بايدىن ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋالغان بىر پەيتتە، خىتاي بايانات ئېلان قىلىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو قاتارلىق 28 سابىق ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ۋە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك سەۋەبلىك مايك پومپېيو، پوتىنگېر ۋە ناۋارو قاتارلىق تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 28 ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېنغا كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بوستون ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى فېيىربەنك خىتاي مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى روبېرت روس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان پومپېيونى كۆزىتىپ كەلدى. ئۇلار ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە كونكرېت كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتماقچى، بىرىنچى تاللاش ئەلۋەتتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو. چۈنكى ئۇ خىتايغا قارشى ئىدېئولوگىيە ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ كەلدى» دېگەن. ئۇ يەنە تىرامپ ۋەزىپە ئۆتىگەن تۆت يىلدىن بېرى مەيلى تەيۋەن مەسىلىسى، سودا ئۇرۇشى، ئىدېئولوگىيەلىك ئۇرۇش ياكى باشقا ئىشلار بولسۇن، خىتاينىڭ چىشىنى چىشلەپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلار ۋەزىپىدىن ئايرىلىشى بىلەنلا، ھېساب ئالماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى جازا يۈرگۈزگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تىرامپ ھۆكۈمىتىدىكى داڭلىق شەخسلەر بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو، پىرېزىدېنتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئوبرايىن، مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى پوتىنگېر، پىرېزىدېنت سودا مەسلىھەتچىسى ناۋارو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ مەقسىتى ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ يېڭىدىن ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋالغان بايدېن ھۆكۈمىتىنى تىرامپقا ئوخشاش خىتايغا قارشى ھەرىكەت قوللانماسلىقتىن ئاگاھلاندۇرماقچى ئىكەنلىكنى بىلدۈرۈشكەن. مۇتەخەسسىسلەر يەنە تىرامپنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ يەنىلا مەلۇم جەھەتتە تىرامپتىن ئەندىشە قىلىدىغان يېرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 745 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2021 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق