تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 6435 (20-يانۋار)

20-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 6435 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 168 مىڭ 894 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 6435 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 752 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 159 كىشى قازا قىلىپ، 5932كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 283 مىڭ 919 گە، قازا قىلغانلار 24487 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2102 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 702 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2021 21:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق