ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى بېكىتىش ھەققىدىكى باياناتى

2021- يىلى 19-يانۋار
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيانى ئەڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا يېتەكلىدى. نيۇرنبېرگ سوتىدنن تارتىپ، 1948-يىلى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى ئىمزالانغانغا قەدەر، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى يەزىدىلەر، خىرىستىيانلار ۋە باشقا دىنىي ئاز سانلىقلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنگە قەدەر، ئامېرىكىلىقلار رەزىل كۈچلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ كەلدى. ھەمدە ھەقىقەت ئۈچۈن، قانۇن ۋە ئادالەتنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلغانلارنى قوللىدى. بىز بۇلارنى خەلقئارالىق سوتنىڭ، كۆپلىگەن ئورگانلارنىڭ ياكى يەرلىك سىياسەتلىرىمىزنىڭ مەجبۇرلىشى سەۋەبلىك قىلمىدۇق. بىز بۇلارنى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن قىلدۇق.
بىز ئۆتكەن تۆت يىلدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردۇق ۋە ئۇنى مۇنداق دەپ ئاتىدۇق: ماركسىزم-لېنىنىزم ھاكىمىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ۋە مېڭە يۇيۇش ئارقىلىق خىتاي خەلقىگە زۇلۇم قىلىپ كەلدى. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ غەربى قىسمىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر خەلقىگە قىلغان مۇئامىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدۇق. خىتاي كومپارتىيەسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرگە ئەزەلدىن ناھايىتى قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىز ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە بولغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدۇق.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ئىگىلىگەن بارلىق ھۆججەتلىرىمىز شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ 2017-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. ئۇلارغا قارىتا ئىنسان ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يىرگىنىشلىك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى پەرقلىق مىللەت سۈپىتىدە كەمسىتىپ، نازارەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ساياھەت قىلىش، كۆچمەن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇش ئەركىنلىكلىرىنى چەكلىدى ۋە باشقا ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى رەت قىلدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋەتتى ۋە بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى. ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىدى.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرى خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا توسالغۇسىز كىرىشىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ۋەزىيەتنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىشەنچلىك خەۋەرلەرنى ئەيىبلىدى. ئەكسىچە مائارىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىسىدا خۇشال ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىيالى ھېكايىلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ئۆز خەلقىگە ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ، ۋەھىمىلىك قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنى «يامان سۈپەتلىك ئۆسمە» دەپ سۈپەتلەپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى «يۇقۇملۇق ۋابا» بىلەن سېلىشتۇردى. پارتىيەگە سادىق بولۇشنى تەشۋىق قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلدى. ئۇلار بۇ تەشۋىقاتىدا: «ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ياۋا ئوت-چۆپلەرنى بىر تال-بىر تالدىن يوقاتقىلى بولمايدۇ. خىمىيەلىك دورا پۈركۈش ئارقىلىق، ھەممىسىنى بىراقلا يوقىتىش كېرەك» دەپ مىسال كەلتۈردى.
ئۆز ۋاقتىدا ئىتتىپاقداش كۈچلەر ناتسىست جازا لاگېرلىرىنىڭ قانچىلىك دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن بۇيان، مەدەنىيەتلىك دۇنيا بۇ بۇنىڭدىن كېيىن «ھەرگىز قايتا يۈز بەرمەيدۇ» دەپ جاكارلىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەھشىيلىك بىز ئۆتمۈشتە كۆرگەنگە ئوخشىمايدىغان تەرىقىدە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ۋەھشىيلىكلەر بۇرۇن بىز كۆزەتكەن ۋەھشىيلىككە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنى ئىنكار قىلساق بولمايدۇ. بۈگۈن مەن تۆۋەندىكىدەك قارارلارنى چىقاردىم:
1. بار بولغان پاكىتلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرگەندىن كېيىن، مەن ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ 2017-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە كونتروللۇقىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم. بۇ جىنايەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ ۋە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇقرانى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن ئېغىر دەرىجىدە مەھرۇم قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قولغا ئېلىش، قىيناش، زورلاپ ئەمگەككە سېلىش ۋە دىنىي ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە رەھىمسىزلىك بىلەن ئېغىر دەرىجىدە چەك قويۇش، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نيۇرنبېرگ سوتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالىغان ئىدى. ھازىر خىتاي دائىرىلىرى ئوخشاش جىنايەتنى شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتىدۇ.
2. بۇلاردىن سىرت، مەن بار بولغان پاكىتلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرگەندىن كېيىن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كومپارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە كونتروللۇقىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردىم. مەن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز كوممۇنىست پارتىيەسىدىن تەشكىل تاپقان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. يەرشارىدا ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئىككىنچى كۈچلۈك ئورۇندا تۇرىدىغان خىتاي دۆلىتى ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت دەپ دەۋا قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئاجىز مىللەت ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا بىلدۈردى، گەرچە ئۇلار ئۆز دۆلىتىنى دۇنيانىڭ رەھبىرى قىلىپ جاكارلاۋاتقان ۋە خەلقئارا سىستېمىنى ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ.
ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى خالىغانچە قولغا ئېلىنغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، تەربىيەلەش لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سىستېمىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىدۇ. مەجبۇرىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچۈرۈش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش قاتارلىق مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك نوپۇس كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ. شۇنداقلا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە، قىيناش ۋە خورلاشنى توختىتىشقا، شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشقا، ئۇلارغا ساياھەت قىلىش ۋە كۆچمەن بولۇش ئەركىنلىكىنى بېرىشكە چاقىرىدۇ.
بىز بارلىق خەلقئارالىق ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرىنى ئامېرىكىغا ماسلىشىپ، بۇ ۋەھشىيلىككە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرىمىز. مەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى تەكشۈرۈشكە، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى رەتلەپ چىقىشقا، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلاشقا ۋە بۇ دەلىل-ئىسپاتلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتلەرگە قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇدۇم. ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا قارار چىقاردى ۋە ھەرىكەت قوللاندى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر قىسىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا قارىتا بىر قاتار جازا يۈرگۈزدى.
ئامېرىكا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە باش كاتىپ شى جىنپىڭنىڭ قايمۇقتۇرۇش، تەشۋىقات ۋە مەجبۇرلاش ئارقىلىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىشلىرىنى پاش قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك خىزمەت ئىشلىدى. بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ۋەھشىيلىكى خىتاي خەلقىگە ۋە مەدەنىي دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارشى ھەددىدىن ئاشقان تاجاۋۇزچىلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز ئەمدى سۈكۈت قىلمايمىز. ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلسا، ئۇنىڭ ئانچە ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە ئەركىن دۇنياغا نېمىلەرنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.

بۇ خەۋەر 766 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2021 19:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق