خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە مەكتۇپ يوللىدى

19-يانۋار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشىلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە مەكتۇپ يوللاپ، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا تەشكىلاتلار بىرلىكى مەزكۇر قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ قارار ئۇيغۇر خەلقى 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يۇتۇۋېلىشىدىن تارتىپ باشتىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدىكى مۇھىم قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز بارلىق ئۇيغۇر خەلقىگە ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن بۇ ھەل قىلغۇچ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قارارنى چىقارغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىگە چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىمىز» دەپ يازغان.
باياناتتا خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارالىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر خەلقى 71 يىلدىن بېرى باشتىن كەچۈرگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدىن كېيىن، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا تەشكىلاتلار بىرلىكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا قوشۇلۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توسۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا تۈركىيە ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ قارارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر مەكتۇپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا يوللانغان.

 
بۇ خەۋەر 1525 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2021 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق