ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نامزاتى: خىتاي ئامېرىكىغا بىرىنچى چوڭ تەھدىت

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 19-يانۋار ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلاش يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نامزاتى لويىد ئوستىن خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بىرىنچى چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئوستىن ئىسپات ئاڭلاش يېغىنىدا سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردىكى ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. كەلگۈسىدە بىزدە چوقۇم خىتايغا ھەيۋە كۆرسىتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. ئامېرىكىنى يەنىلا خىتايغا قارىغاندا رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە دەپ قارايمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئوستىن سۆزىدە يەنە: «ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەسى تەھدىتلەرگە ئاساسەن رەتكە تىزىلىدۇ. خىتاي بولسا كەلگۈسىدە ئامېرىكا دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىت. خىتاي ئىقتىساد، ئىنتېرنېت، بوشلۇق ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەردە ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتىگە قارشى كېرەكلىك مۇتەخەسسىس، ئىقتىدار، پىلان ۋە مەشغۇلات ئۇقۇمى بار بولۇشى كېرەك» دېگەن. ئۇ يەنە تەيۋەن مەسىلىسىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قاتتىق قوللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئوستىن ئىلگىرى ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىكى قوماندانى بولغان. ئەگەر ئوستىن بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنسە، ئۇ ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئافرىقىلىق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولىدىكەن. گەرچە ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مول تەجرىبىسى بولسىمۇ، ئەمما ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى، بولۇپمۇ خىتاينى بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىسى كەمچىل ئىكەن.

بۇ خەۋەر 637 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2021 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق