بېلگىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى دىققەت قوزغىدى

بېلگىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن تۈزگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى»نىڭ يېقىنقى كۈنلەردە قايتىدىن ئاشكارىلىنىشى بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەندىشىگە سالدى.
بېلگىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئۆتكەن يىلى ئاشكارىلانغان بولۇپ، شۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئادۋوكاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ ھەر خىل ئېھتىماللىقلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، بۇ مەسىلىنى بېسىقتۇرغان بولسىمۇ، بۇ يىل بېلگىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر كېلىشىمنى پارلامېنتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەدلىيە تارماقلىرى ئارقىلىق رەسمىي ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بېلگىيە بىلەن تۈزۈشكەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى خەلقئارا قانۇن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، شۇنداقلا بېلگىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئېنىق قىلىپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلغان جىنايەتچىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، سىياسىي پاناھلىق سورىغان ياكى سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتىدە ياشاۋاتقان، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مىللەتلەرگە تەدبىقلانمايدىغانلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ قاچقۇن پارىخور ئەمەلدارلارغا قارىتىلغانلىقى ئايدىڭلاشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدە يۈز بەرگەنگە ئوخشاشلا، خىتاي بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ساراسىمىگە سېلىش مەقسىتىدە، مەزكۇر كېلىشىمنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 844 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2021 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق