ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى: يېڭى ھۆكۈمەت خىتايغا قاتتىق يول تۇتۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ئانتونى بىلىنكېن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا داۋاملىق قاتتىق يول تۇتۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىلىنكېن 19-يانۋار كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنداقلا بايدېننىڭ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
مۇخبىر ئۇنىڭدىن پومپېيونىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانلىق قارارىغا قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئۇ: «مەنمۇ مۇشۇنداق باھا بېرىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ۋە: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تىركىشىش ۋە رىقابەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. ئەمما بىر-بىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشمۇ مۇمكىن» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تەدبىر قوللىنىپ، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بىر قىسىم سەزگۈر ئامىللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئاقساراينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى نامزاتى كامپبېلنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سەزگۈر مەسىلىلەرنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى مۇخبىرلارنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىنى بوشىتىش ۋە تاقالغان كونسۇلخانىلارنى قايتا ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتايدىن داۋاملىق ھوشيار بولۇشقا كۆپ قېتىم چاقىرغان. مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنس شەنبە كۈنى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك ۋە ھەربىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكىنىدە، خىتاينىڭ تەھدىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ: «بايدىن ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە نامۇۋاپىق سودا قىلمىشلىرىغا داۋاملىق تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرىمەن» دېگەن.

بۇ خەۋەر 646 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2021 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق