ئالتىنئوق ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلدى

16- يانۋار كۈنى تۈركىيە كەچىئۆرەن شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ئالتىنئوق تىۋىتتېر ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى ۋە ۋەھشىي مۇئامىلىسىگە قارشى ئىنكاس بىلدۈردى.
ئالتىنئوق مەزكۇر يازمىسىدا ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. خىتاي بۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن، بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلارغا قىلىپ كەلگەن قىيىن-قىستاق ۋە زۇلۇملىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئوخشاش ھوقۇق ۋە قانۇن دائىرىسىدە ئىنساندەك ياشىشى ئۇلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقى. بىز ئاخىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولىمىز» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 715 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2021 13:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق