باش ئەلچى: سىم توسۇقلار مال-چارۋىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس

باش ئەلچى: سىم توسۇقلار مال-چارۋىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس

ۋاشىنگتون ۋاقتى تورىنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بىروۋنبەك ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تيەنئەنمېن قەتلىئامىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە توختىلىپ:
«سىم توسۇقلار مال-چارۋىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.
باشقا ھەيئەت ئەزالىرىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈرمىنى قۇرۇپ چىقىپ، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تەربىيەلەش باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلغانلىقىغا قارشى خەلقئارالىق بېسىمنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى رەئىسى نۇرى تۈركەل ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە نۇرغۇنلىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا پاناھلىق بەرگەنلىكىنى، ھازىر خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئاسىيا تەتقىقاتى ئانالىزچىسى ئولىۋىيا ئېنوس خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى يادرولۇق مەسىلىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭمۇ بۇ مەسىلىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 11347 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2019 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق