تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 6818 (19-يانۋار)

19-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 6818 گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 175 مىڭ 133 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 6818 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 761 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 167 كىشى قازا قىلىپ، 7218 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 277 مىڭ 987 گە، قازا قىلغانلار 24328 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2162 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 718 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2021 10:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق