ئېرسىن ئەركىن: مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلغانلار جازا لاگېرىغا قامىلىدۇ

يېقىنقى ئايلاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار سىنلار كۆپلەپ تارقالغان بولۇپ، ھەركۈنى دېگۈدەك ئاشكارىلىنىۋاتقان يېڭى مەلۇماتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانچىلىك قىيىنچىلىق ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. يېقىندا خىتاي زۇلۇمى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان ئېرسىن ئەركىنمۇ بۇ ھەقتە يېڭى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۇ بۈگۈن تارقاتقان سىندا شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئىشچىلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئايدا 50 دوللار مائاش ئالىدىغانلىقىنى، ئۈچ ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن يىللىق توختامغا ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئىشلەشنى خالىماي رەت قىلسا، جازا لاگېرىغا قامىلىش بىلەن ياكى ئالغان مائاشلارنى قايتۇرۇش بىلەن تەھدىت سېلىنىدىغانلىقىنى، جازا لاگېرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكەلگەنلەرنىڭ مائاشسىز ئىشلەيدىغانلىقى، ھەر ھەپتىدە پەقەت يەكشەنبە كۈنىلا ئۆيىگە قايتىش رۇخسىتى بېرىلىدىغانلىقى ئاشكارىلىدى.

بۇ خەۋەر 1193 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2021 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق