ئېرسىن ئەركىن: ئۇيغۇرلار كۈندە 14 سائەت مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدۇ

يېقىنقى ئايلاردا شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىقىپ، ئۇكرائىنادا چېگرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغان قازاق ياش ئېرسىن ئەركىن تىۋىتتىر ھېسابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرى ئەمگەك ھەققىدە كۆرگەنلىرىنى ھەمبەھرىلىدى .
ئۇ تارقاتقان سىندا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ 2017-يىلى 4-ئايدا چاپچال ناھىيەسى يىنەن سانائەت باغچىسى ۋېنشياڭ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىدە ئىشخانا خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى، بۇ شىركەتنىڭ زاۋۇتىدا 16 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر، قازاقلاردىن تەركىب تاپقان 180 كىشىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭ مۇقىم مائاشى يوقلىقىنى، 14 سائەت ئىشلىسە 38 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى، تاماق ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە خىزمەتتە بولۇشى، ھەتتا چوقۇم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىشى كېرەكلىكىنى، پەقەتلا كەچ سائەت توققۇزدىن كېيىن ياتىقىغا قايتىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى خەلقئارادا كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپلا قالماي، يەنە تاراتقۇلىرىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ جىنايىتىنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى داۋاملىق پاش قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1527 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2021 17:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق