ئۇيغۇر خەلقى كۆز ياشلىرى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى جازا لاگېرى سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر پارچىلىنىپ، ۋەيران بولماقتا. ئەمما بارلىق ئۇچۇر-ئالاقە ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولسا ئۆز ئەھۋالىنى سىرتقى دۇنياغا بىلدۈرۈشكە ئامالسىز قالماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دادىلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۈنسىز يىغىسى بىلەن ئالاھىدە ئۇسۇلدا دەردىنى بىلدۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. سىندىكى بۇ كۆرۈنۈشلەردىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانچىلىق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس.

بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سىنلار تارقالغان بولۇپ بەزىلەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۈنسىز يىغىسى ئارقىلىق دەردىنى ئېيتماقچى بولسا، يەنە بەزىلەر قول ئىشارەتلىرى بىلەن ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1754 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2021 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق