چاقماق خەۋەر

تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 9554 (13-يانۋار)

13-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 9554 كىشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 173 مىڭ 603 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 9554 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 971 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 173 كىشى قازا قىلىپ، 9463 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 227 مىڭ 927 گە، قازا قىلغانلار 23325 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2652 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 309 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2021 22:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق