چاقماق خەۋەر

تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 9809 (12-يانۋار)

12-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 9809غا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 179 مىڭ 208 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 9809 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 983 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 171 كىشى قازا قىلىپ، 10013 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 346 مىڭ 285گە، قازا قىلغانلار 23152گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2701گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 324 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2021 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق