فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى 12-يانۋار شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا: «كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى ھەققىدىكى ئىسپاتلارغا ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزگەن باستۇرۇش خاراكتېرلىك نازارەت قىلىش، كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە قاماش، زىيانكەشلىك قىلىش ۋە خورلاش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كەڭ كۆلەمدە سۈرگەن قىلىش قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. كانادا لاگېردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ۋە باشقا خەلقئارالىق شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بىر مەيداندا تۇرىدۇ» دېگەنلەر بىلدۈرۈلگەن.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ 12-يانۋار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشىنى چەكلەش ھەققىدە قارار ماقۇللىغان ئىدى.
ئەنگلىيەنىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جۈن ئەنگلىيەنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئەنگلىيەنىڭ بۇ قارارىنى «سىياسىي ھۇجۇمدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ بىلجىرلىغان.