چاقماق خەۋەر

پومپېيو ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدە توختالغان.

پومپېيو ئامېرىكا خەلقئارالىق ئاخبارات ئاگېنتلىقى (USAGM)نىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرىگە خىتاب قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە بولغان يېڭى تەھدىتلەرنى ئاڭلىتىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ۋەھشىي باستۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ غەربنىڭ قىممەت قارىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پومپېيو يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئورتاق تونۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مېنىڭچە بۇ جەھەتتە ئىككى پارتىيەدە بىردەكلىك بار. خوڭكوڭ مەسىلىسى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرى قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەردە دېموكراتچىلار پارتىيەسى بىلەن تونۇشىمىز بىردەك. شۇڭا دېموكراتچىلار ھوقۇق يۈرگۈزگەندىمۇ بۇ ھالەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

پومپېيو ئاخىرىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە «ئىشەنمەسلىك ۋە دەلىللەش» پىرىنسىپى بار ئىكەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىرىسلىرىغا دۇچ كەلگەندە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىگە قانداق كاپالەت قىلىش ۋە قوغداشنىڭ مۇھىم بىر يادرولۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 383 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2021 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق