چاقماق خەۋەر

ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى يېڭى سەھىپە ئاچتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تەيۋەن ۋەكىلىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىدە يېڭى سەھىپە ئاچقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېتې خوكسترا بۈگۈن تەيۋەننىڭ گوللاندىيەدىكى ۋەكىلى چېن شىنشىن بىلەن ئاشكارا كۆرۈشكەن. پومپېيونىڭ شەنبە كۈنى ئامېرىكا-تەيۋەن ئالاقىسىغا ئالاقىدار چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خوكسترا تەيۋەن ئەمەلدارلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرۈشكەن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولۇپ قالغان.

خوكسىترا ئەلچىخانىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابىدا چېن شىنشىن بىلەن كۆرۈشكەن سۈرىتىنى ئېلان قىلىپ: «تارىختا يېڭى سەھىپە ئېچىپ، تەيۋەن ۋەكىلىنى ئەلچىخانىمىزدا قوبۇل قىلدۇق. ئەمدى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى خىزمەتداشلىرىمىز ئەلچىخانىمىزدا ھاياتىي كۈچكە تولغان، دېموكراتىك جەمئىيەتتىن كەلگەن دوستلارنى قوبۇل قىلالايدۇ. تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گوللاندىيەدىكى دوستلۇقىغا رەھمەت» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن ۋەكىلى چېن شىنشىن تىۋىتتېر ھېسابىدا: «ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيەدىكى باش ئەلچىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ گائاگادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈشۈم تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ۋە شەرەپلىك بىر ئىش بولدى. بۇ مېنىڭ دىپلوماتىك ھاياتىمدا تۇنجى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن مىنىستىر پومپېيوغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى قارارىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پومپېيو ئالدىنقى شەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكا يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا تەيۋەن بىلەن ئالاقە قىلغاندا دىپلوماتىك ئەمەلدارلار ۋە باشقا مەمۇرلارنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ خىتاينى رازى قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 433 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2021 18:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق