چاقماق خەۋەر

تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 10220گە يەتتى (11-يانۋار)

11-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 10220گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 180 مىڭ 303 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 10220 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1003كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 174 كىشى قازا قىلىپ، 10301 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 208 مىڭ 451گە، قازا قىلغانلار 22981گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2783گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 275 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2021 17:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق