چاقماق خەۋەر

تۈركىيەنىڭ «تۈركسات A5» سۈنئىي ھەمراھى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى

7-يانۋار تۈركىيەنىڭ «تۈركسات A5» (TÜRKSAT 5A) ناملىق سۈنئىي ھەمراھى ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ كاناۋېرال تۇمشۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش بازىسىدىن «Space X» شىركىتىنىڭ «شۇڭقار 9» ناملىق راكېتاسى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىش جەريانىنى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان، تۈركىيە قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىل ئوغلى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى نەق مەيدان تارقىتىشتىن كۆزىتىپ تۇردى.

«تۈركسات A5» سۈنئىي ھەمراھى تولۇق ئېلېكتىر ئىتتىرىش سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، كونترول قىلىش پونكىتلىرى ئارقىلىق بارلىق ئوربىتا ۋە تارماق سىستېمىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، پىلانلانغان ئوربىتىغا ئورۇنلىشىدىكەن.

ئادىل قارائىسمائىل ئوغلى سۈنئىي ھەمراھ توغرۇلۇق مۇخبىرلارغا چۈشەنچە بېرىپ، بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئەسلىدە تۈركىيە ۋاقتى بىلەن 04:28 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىش پىلانلانغانلىقىنى، ئەمما ھاۋارايى سەۋەبلىك بىر سائەت كېچىكتۈرۈلۈپ، 05:15 بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، 35 مىنۇتتىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھتىن تۇنجى سىگنال كەلگەنلىكىنى، سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەنە تۆت ئايدىن كېيىن ئۆز ئوربىتىسىغا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«تۈركسات A5» سۈنئىي ھەمراھى تۈركىيەنىڭ ئالاقە-ئۇچۇر ساھەسىدىكى مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان بولۇپ، خىزمەت باشلىغاندىن كېيىن تۈركىيە، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا قىتئەسى، ئوتتۇرا دېڭىز، ئېگېي دېڭىزى ۋە قارا دېڭىز قاتارلىق كەڭ جۇغراپىيەلىك رايوننى تېلېۋىزىيە تارقىتىش ۋە سانلىق مەلۇمات ئالاقىسى مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مىنىستىر قارائىسمائىل ئوغلى يەنە «تۈركسات B5» سۈنئىي ھەمراھى ئۈستىدىمۇ تەتقىقاتنىڭ باشلانغانلىقىنى، بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭمۇ بۇ يىل 6-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«تۈركسات 5A» سۈنئىي ھەمراھى تۈركىيەنىڭ 7-سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى 1994-يىلى قويۇپ بېرىلگەن.

بۇ خەۋەر 331 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2021 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق