چاقماق خەۋەر

تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 9138گە يەتتى (10-يانۋار)

10-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 9138گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 162 مىڭ 786 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 9138 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1017 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 176 كىشى قازا قىلىپ، 8103 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 198 مىڭ 150كە، قازا قىلغانلار 22811گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2811گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 226 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2021 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق