چاقماق خەۋەر

ئامېرىكىدا تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىردى

 6-يانۋار ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ مىڭلىغان قوللىغۇچىلىرى ئۆتكەن يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ نەتىجىسىگە قارشى چىقىپ، جوۋ بايدېنغا قارشى دونالد تىرامپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا پارلامېنتىغا بېسىپ كىرگەن. بۇ ۋاقىتتا پارلامېنت زالىدا جوۋ بايدېننىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى رەسمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، ساقچىلار نامايىشچى خەلقنى توسۇپ قېلىشقا كۈچى يەتمىگەن. تىرامپنىڭ مىڭلىغان قوللىغۇچىلىرى پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئامالسىز قالغان پارلامېنت زالىدىكىلەر ساقچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىنانىڭ يەر ئاستى قەۋىتىدىكى ئۇرۇشتىن پاناھلىنىش ئۆيلىرىگە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان. ئامېرىكىدا 1814-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان 200 يىل جەريانىدا بۇنداق بىر تارىخىي ۋەقە ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بولغاچقا، بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنيادا ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىرگەن نامايىشچىلارغا ئاساسەن ئۆزلىرىنى ئامېرىكىدا «غۇرۇرلۇق ياشلار» (Proud Boys) دەپ ئاتايدىغان ئىرقچىلار باشلامچىلىق قىلغان بولۇپ، پارلامېنت بىناسى تۆت سائەتكە يېقىن نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. بۇ نامايىشتا چىققان قالايمىقانچىلىقتا دەسلەپتە تۆت ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بىر كۈندىن كېيىن قالايمىقانچىلىقتا يارىلانغان بىر ساقچىمۇ ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى بەشكە يەتكەن. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ئەشلى بابىت (Ashli Babbitt) ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، بۇ پارلامېنت بىناسىدا ئۆلگەن تۇنجى ئايال بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردە بۇ ئايال ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پېشقەدەم جەڭچىسى بولۇپ چىققان. نامايىشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بولسا، بۇ كۈنى پىرېزىدېنت تىرامپ سايلامنىڭ نەتىجىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتوندا «ئامېرىكىنى قۇتقۇز» دېگەن نامدا بىر كۈچ كۆرسىتىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان. تىرامپ يىغىنغا قاتناشقان تەرەپدارلىرىغا قىلغان سۆزىدە، سايلامدا ھىيلە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يىغىنغا قاتناشقان تىرامپ تەرەپدارلىرى نامايىش قىلىپ پارلامېنتقا بېسىپ كىرگەن. بۇ ۋاقىتتا ھەتتا باشقا شەھەر ۋە ئىشتاتلاردىكى تىرامپ تەرەپدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەخسى ئايروپىلانلىرى بىلەن كېلىپ، نامايىشقا قاتناشقان. نامايىش جەريانىدا پارلامېنت بىناسىنى قوغداۋاتقان ساقچىلاردىن بەزىلىرى توساقلارنى ئېلىۋېتىپ، نامايىشچىلارنىڭ بۆسۈپ كىرىشىگە ياردەم قىلغانلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن. پارلامېنت بىناسىدىكى قالايمىقانچىلىقتا نۇرغۇن ئەسلىھەلەر ئۇرۇپ-چېقىلغان. بىنا ئىچىدىن ئىككى دانە پارتلاتقۇچ بايقالغان بولۇپ، ساقچىلار كېيىن بۇلارنى كىمنىڭ قويغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگۈچىلەرگە 50 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ قالايمىقانچىلىقتا بىر نامايىشچى پىرېزىدېنتنىڭ مەخسۇس ئورۇندۇقىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. بۇ نامايىش تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش توغرىلىق قىلغان نەسىھىتىدىن كېيىن بېسىققان. بۇ جەرياندا مىڭ ئەتراپىدا ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى ياردەمگە كېلىپ، پارلامېنت بىناسىغا كىرگەن. كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتوندا 21-يانۋارغىچە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان. نامايىشتىن كېيىن ساقچىلار نامايىش جەريانىدا ئۇرۇپ-چېقىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارغانلاردىن 52 كىشىنى تۇتقان ۋە بۇ نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغانلارغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. ئامېرىكىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىققا قارىتا كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى سايلام نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ سۆز قىلغان. تۈركىيە بولسا: «ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن بۇ قالايمىقانچىلىقنى ئەندىشە بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلغان. تۈركىيەنىڭ بۇ سۆزىگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ سى ئېن ئېن قانىلىنىڭ ئايال رىياسەتچىسى: «تۈركىيەنىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدا ئوتتۇرا شەرقتىكى بىرەر دۆلەتتە ۋەقە چىقسا، دەل ئۆز خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلىتىدىغان بىر سۆز» دېگەن. بۈگۈنكى خەۋەرلەردە يېڭى پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن باشچىلىقىدىكى دېموكراتچىلارنىڭ گەرچە ۋاقتى ئاز قالغان بولسىمۇ تىرامپنى پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىدىن ئېلىۋېتىشكە تۇتۇش قىلغانلىقى ئېيتىلغان. تىرامپ بولسا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 20-يانۋار بايدېننىڭ پىرېزىدېنتلىقنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 458 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2021 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق