چاقماق خەۋەر

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىن ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرى ئەكس ئۈنۈم بەرمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە قاراتقان ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرى بارا-بارا ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىشكە باشلىغان.

ئاۋسترالىيە بۇلتۇر ماي ئېيىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاي بۇ سەۋەبلىك ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئاۋسترالىيەدىن كۆمۈر ئىمپورتىنى توختاتقان. خىتاينىڭ بۇ تەدبىرى ئاۋسترالىيەنىڭ كۆمۈر سانائىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ بەزى جايلىرىدا قىش پەسلىدە ئارىلاپ توك توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، شۇنداقلا خىتاي ئىسسىنىش تەننەرخىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. قىش كىرگەندىن بۇيان جېجياڭ، جياڭشى، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ ۋە باشقا ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم رايونلاردا توك توختاپ قالغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ۋە شاڭخەينىڭ بەزى رايونلىرىدا يەنە توك توختاپ قالغان. خىتاي يېقىنقى يىللاردا بۇنداق چوڭ كۆلەملىك توك توختاپ قېلىش ئەھۋالىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ئىكەن.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئون نەچچە شەھىرى، كەم دېگەندە تۆت ئۆلكىسى ئاھالىلەرنىڭ ۋە كارخانىلارنىڭ توك سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى توك ئىشلىتىش نىزامىنى ئېلان قىلىنغان. خىتاينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا توك چىقىرىش كۆمۈر يېقىلغۇسىغا تايىنىدىكەن. ئەمما نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى كۆمۈر ئېنېرگىيەسىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىستېمالچىسى بولۇپ، 2019-يىلى خىتاينىڭ كوكس كۆمۈرى ئىمپورتىنىڭ %40تىن كۆپرەكى، ئېنېرگىيە كۆمۈرى ئىمپورتىنىڭ تەخمىنەن %57ى ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە ئۆتكەن يىلى خىتايغا 10 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يېقىن كۆمۈر ئېكسپورت قىلغان. كۆمۈر سېتىۋېلىش چەكلىمىسى خىتاينىڭ تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجىنى كۈچەيتىۋەتكەن بولسىمۇ، ئاۋسترالىيە دۇنيادىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەت بولۇپ، يەنىلا پايدىلىق ئورۇندا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 408 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2021 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق