خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت 8-يانۋار ئىستانبۇلدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

سۆھبەت جەريانىدا تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى «جىنايەتچىلەر»نى قايتۇرۇش كېلىشىمنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى، بۇ كېلىشىمنامىنىڭ مەيلى سىياسىي نۇقتىدىن بولسۇن، مەيلى روھىي جەھەتتىن بولسۇن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىدىن مەزكۇر كېلىشىمنامىنىڭ مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئاۋازغا قويۇلماسلىقى ياكى توختىتىپ قويۇلۇشى جىددىي تەلەپ قىلىندى.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خاتىرجەم قىلىش، ئۇلار ئۈستىدىكى روھىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارنى ئازايتىش، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا شەرتسىز ئىستىسنائىي نوپۇس بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇچراۋاتقان قەتلىئام ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى دوكلاتى» سۇنۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى نوپۇسىغا ئىگە تۇرۇقلۇق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقانلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇپ، تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى تەلەپ قىلىندى . شۇنداقلا تايلاند، ھىندونېزىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئامانلىقىغا بولغان ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىنىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى ھەيئەتنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى، ئالغان قەدەملىرىنى ۋە سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، كېلىشىمنامىنىڭ رەت قىلىنىشى، شەرتسىز نوپۇس بېرىلىشى ۋە خەتەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشى ھەققىدىكى تەلەپلەرگە ئىجابىي جاۋاب بەردى.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى كېلىشىمنامىنىڭ رەت قىلىنىشى ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە تۈركىيەنىڭ بىر قانچە ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ۋە يېڭىلىقلار ھەققىدە ئايرىم مەلۇمات بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر 2211 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2021 18:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق