فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى چېقىلغان مەسچىتلەرنى دەلىللىدى

فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى چېقىلغان مەسچىتلەرنى دەلىللىدى

فىرانسىيە خەلقئارا تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈم چېقىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنى دەلىللەپ چىققان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى چېقىۋېتىلگەن 30 مەسچىتنىڭ ئورنىنى تاپقان. ئۇندىن باشقا ئۇلار زىيارەت قىلغان ئالتە مەسچىت ھازىرمۇ ساق تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما مەسچىت قۇببىلىرى ۋە مۇنارلىرى چېقىۋېتىلگەن.
مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا خوتەن شەھىرىدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ چېقىلىپ تۈزلىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ھازىر ماشىنا توختىتىش مەيدانى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. شۇنداقلا يېقىن ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چىراي تونۇش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈلۈپ ئاندىن كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى كۆرگەن.
مۇخبىر يەنە كوچىلاردا بىرمۇ ساقاللىق ياكى ھىجابلىق كىشىلەرنى كۆرمىگەنلىكىنى، مەسچىتنىڭمۇ كۈن پېتىش بىلەنلا تاقىلىدىغانلىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە قەشقەرنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم مەسچىت ئىچىدە شى جىنپىڭنىڭ چوڭ سۈرىتىنىڭ ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى بايقىغان.
مۇخبىر يەنە قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە تۈرمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان چوڭ بىر قۇرۇلۇشنى بايقىغانلىقىنى، ئۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇ يەرنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 10829 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2019 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق