تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى «"جىنايەتچىلەرنى" ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسى» ھەققىدە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باياناتى

2017 - يىلى خىتاي جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى»دا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئىمزالانغان «تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا "جىنايەتچىلەرنى" ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسى» 2019- يىلى تۈركىيە مىللەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان ئىدى. بۇ كېلىشىمنامە بۈگۈنگىچە بىر قانچە قېتىم مېدىيادا ۋە ئاخىرىقى قېتىم خىتاي مەجلىسىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولسىمۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە كۈنتەرتىپكە كەلمىدى ۋە تېخىچە تەستىقلانمىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىدىكى «جىنايەتچىلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى» ھەققىدىكى قانۇنلار بۇ تۈردىكى كېلىشىمنامىنىڭ تۈركىيە تۇپرىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بولسىمۇ، بۇ كېلىشىمنامىنىڭ مەجلىسكە سۇنۇلۇشى ۋە ئاخىرىقى باسقۇچتا بولۇشى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئامانلىقىغا ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچىكىگە تەھدىت ھېسابلىنىدىغان بىر ئەھۋالدۇر.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ مەسىلىگە سەل قاراشقا بولمايدىغان مىللىي كرىزىسلار قاتارىدا قاراپ، قانۇن، دىپلوماتىيە، سىياسەت ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن بۇ كېلىشىمنامىنىڭ تەستىقلانماسلىقى ۋە ئىمكان بولسا رەت قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنى تەشكىلات كۈنتەرتىپىدە جىددىي ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىنىشى كېرەك بولغان قەدەملەر ھەققىدە مەسلىھەت قىلىنىپ، پىلانلار تۈزۈلۈۋاتىدۇ.

بۇ جەرياندا ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ بۇ كېلىشىمنامىنىڭ تەستىق ۋە ئىجرائاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قانچە مىنىستىرلىك، مەجلىس كونسەيلىرى ۋە شەخىسلەر بىلەن كۆرۈشۈش تەلەپ قىلىندى ۋە كېلىشىمنامىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان ئەھۋاللار ھەققىدە دوكلاتلار تەييارلاندى. ئەمدىكى قەدەمدە دىپلوماتىك زىيارەتلەر بىلەن بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشە ۋە تەلەپلىرىمىزنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىمىز.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كېلىشىمنامىسى ۋە ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويغان، خەلقئارا سەھنىدە مۇستەقىل ئورنىنى تىكلەۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان بىلەن مىللىي باغلىنىشى بولغان ۋە بۇ كېلىشىمنامىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنىدىغان بىر دېموكراتىك، قانۇن دۆلىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تۈردىكى كېلىشىمنامىلەرنىڭ ئىمزالىنىپ ئىجرا قىلىنىشى ھۆكۈمەت ۋە خەلق تەرەپتىن رەت قىلىنىدۇ دەپ قارايمىز ۋە ئۈمىد قىلىمىز.

خەلقىمىزنىڭ بىزنى قوللىشىنى ۋە ئۈمىدۋار بولۇشىنى سورايمىز. شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق يولىمىزدىكى ھەربىر توسالغۇ ۋە داۋالغۇشلارنى ھەمكارلىق روھى، كۈچلۈك ئىرادە ۋە پاراسەت بىلەن بىرگە يېڭىشكە تىلەكداشمىز.

ھۆرمەت بىلەن:
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1241 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2020 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق