ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆز تەتقىقات ساھەسىدە زور نەتىجىگە ئېرىشتى

يېقىندا ياپونىيە چىبا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نانو ماتېرىياللار كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇخەبەر مىرزەخمەتنىڭ تەتقىقات ماقالىسى دۇنيادىكى داڭلىق ئىلمىي ژۇرنالغا بېسىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى ئىپتىخارلاندۇردى.

ئابدۇخەبەر ئەپەندىنىڭ مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسى خىمىيە، فىزىكا ۋه ماتېرىيال ئىلمى ساھەلىرىدە دۇنيادا ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان «ئىلغار ماتېرىياللار» ((Advanced Materials ژۇرنىلىغا بېسىلغان. تەتقىقات ماقالىسىدە نۆۋەتتە پىروۋىسكىت ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىشتا جىددىي ۋه مۇھىم بولۇۋاتقان، تەتقىقات جەھەتتە قىينىلىۋاتقان مەسىلە ھەل قىلىنغان.

ئابدۇخەبەر ئەپەندىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىلدۈرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ تەتقىقات ماقالىسىدە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان پېروۋىسكىت قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيەگە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ماتېرىيال ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان نېپىز پەردىنىڭ ئەڭ ئۈستىنىڭ قانداق ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى، قايسى ئېلېمېنتلار بارلىقىنى ئىنتايىن ئاسان ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئېنىقلاپ چىققان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يەنە نەزەرىيە جەھەتتىنمۇ دەلىللەنگەن. گەرچە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلار ئىنتايىن كۆپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئۈستىدىكى ئېلېمېنتىنى تېپىپ چىقىش ئىنتايىن تەس بولغانلىقتىن، ياخشى نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىكەن.

دوكتورانت ئابدۇخەبەر مىرزەخمەت ۋەتەندە قوللىنىشچان خىمىيە كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ۋە كېيىنكى مەزگىلدە يۇقىرى مولېكۇلالىق خىمىيە ۋە فىزىكا كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ياپونىيەگە بارغاندىن كېيىن كەسىپ ئالماشتۇرغان بولۇپ، نانو ماتېرىياللار كەسپى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 4775 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2020 20:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق