خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خادىملىرى تۇتقۇن قىلىندى

خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خادىملىرى تۇتقۇن قىلىندى

4-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىچكى قىسمىدا جاسۇس بارلىقىنى باھانە قىلىپ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرىنى تۇتقۇن قىلغان.
بۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىكى سەۋەب بولسا خۇۋېي شىركىتىنىڭ چەتئەلدىكى خادىملىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى خادىملىرىنىڭ خىتايغا قايتىشنى رەت قىلغانلىقى ئىكەن. يەنە بىر ئاساسلىق سەۋەب بولسا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ نۇرغۇن مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي بىلىدىغان ئىچكى قىسىمدىكى تېخنىك خادىملىرى خىتايغا قايتىشنى رەت قىلغان. شۇ سەۋەبلىك خىتاي قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان.

بۇ خەۋەر 875 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2019 20:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق