شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاقىۋىتى (4)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاقىۋىتى (4)

 

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ 1949‏-يىلى 8‏-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭغا سۆھبەتكە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى بايقال كۆلى ئەتراپىدا ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسىتى دېيىلگەن جەسەتلەر 1950-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا شەھىرىگە ئېغىر مۇسىبەت ئىچىدە ئېلىپ كېلىنگەن.

لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكىگە بۈگۈنگىچە ئىزچىل گۇمان بىلەن قاراپ كەلمەكتە. 1991‏-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيە نۇرغۇن ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى. لېكىن ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىگە دائىر ئارخىپلار يەنىلا ئاشكارىلانمىدى.

 قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچى، سىياسەتچى، پىروفېسسور قەھرىمان غوجامبەردى: «1945‏-يىلى 1‏-ئاينىڭ 5‏-كۈنى ئېلان قىلغان توققۇز ماددىلىق خىتابنامە ئاساسەن ئەخمەتجان قاسىمى تەرىپىدىن يېزىلغان. چۈنكى 1944‏-يىلى ئېلان قىلىنغان بەش ماددىلىق مۇستەقىللىق خىتابنامىسى تولۇق ئەمەس بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى خىتابنامىغا شەرقىي تۈركىستان تېررىتورىيەسىدە خىتاي مۇستەملىكە تۈزۈمىنى تەلتۆكۈس بەربات قىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىدىيەسىنى كىرگۈزگەن. ئۇلارنىڭ موسكۋاغا ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇستەقىللىقتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىدى» دەيدۇ.

سابىت ئابدۇراھمان (1928-2005) «ئۇيغۇرنامە» دېگەن كىتابىدا ئەخمەتجان قاسىمى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەخمەتجان قاسىمى مىللىي مۇستەقىللىق غايىسىگە ئىگە ھەقىقىي ئىنقىلابچى ئىدى. ئۇ مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش يولىدا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، بىرىنچىدىن، مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزۈلگەن ‹11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى› ئۇنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويغان. ئىككىنچىدىن، ئىستالىن ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئاللىقاچان كوممۇنىست خىتاي (گۇڭچەنداڭ)غا سېتىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بۇ جەرياننى كەينىگە قايتۇرۇشى مۇمكىن بولمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ئىستالىنغا يازغان مەكتۇپى جاۋابسىز قالدى» دەپ يازغان.

ئەخمەتجان قاسىمىلار ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ، 7-كۈنى، يەنى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى پايتەخت غۇلجا شەھىرىدىكى سوۋېت ئەلچىخانىسى سەيپىدىن ئەزىزىنى چاقىرتىپ، قازا خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ. سەيپىدىن بۇ خەۋەرنى قەتئىي مەخپىي تۇتىدۇ. ئۇ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى توجى، ئالىمجان، جانى قاتارلىق ئۈچ كىشىنى ئېلىپ، تۆت كىشىلىك بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئىنتايىن مەخپىي ھالدا يولغا چىقىپ بېيجىڭغا بارىدۇ ۋە كوممۇنىست خىتاينىڭ باشلىقى ماۋزېدۇڭ، جۇئىنلەيلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1949-يىلى 9-ئايدا كوممۇنىست خىتاي (گۇڭچەنداڭ) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالىدۇ. 1949-يىلى 10-ئايدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىگە كىرىپ، كوممۇنىست خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. 12-ئاينىڭ بېشىدا يەنە بىر قىسىم خىتاي ئەسكەرلىرى پايتەخت غۇلجا شەھىرىگە كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم غۇلجىدا كوممۇنىست خىتاينىڭ بىرىنچى دالا ئارمىيەسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

1950-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى تاجاۋۇزچى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. ئىۋانوۋىچ لىسكىن (رۇس، 1913-1970) باش قوماندان بولىدۇ. دۈن شىڭيۈن (顿星云) باش سىياسىي كومىسسارلىققا، مەرغۇپ ئىسھاقوف مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارلىققا، ساۋدانوف زاھىر (1920-2007) مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارلىققا تەيىنلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى خىتاينىڭ 13-دىۋىزىيەسىگە تەۋە قىلىنىدۇ. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف (1915-1970) دىۋىزىيە قوماندانلىقىغا، ما خۇڭسەن سىياسىي كومىسسارلىققا تەيىنلىنىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، گېنېرال زۇنۇن تىيىپكە بۇ 5-كورپۇستا ھېچقانداق ھوقۇق بېرىلمەيدۇ. چۈنكى جېنىنى باقالماي ئاران قالغان، ئىككى ئەسكىرىگە بىر مىلتىق توغرا كېلىدىغان، سوۋېتنىڭ بەرگەن ماشىنا ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن كەلگەن ئاۋارە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندەك دۇنيادىكى شۇنچە چوڭ بىر دۆلەتنى ئاسانلا بېسىۋالغان بولغاچقا، خۇشاللىقتىن ئەقلىنى يوقۇتۇپ، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەي قالغان، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسىملىك ئاكىسى بولغاچقا ئەسەبىيلىشىپ، ھە دېگەندە ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشى بىلەنمۇ كارى بولمىغۇدەك دەرىجىدە خۇدىنى يوقاتقان.

زۇنۇن تىيىپقا 1955-يىلى گېنېراللىق ئۇنۋانى بېرىلىپ، 1-دەرىجىلىك ئازادلىق مېدالى بېرىلىدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت نازارەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولىدۇ. كىيىن ھەربىي كومىتېتىنىڭ نازىرى بولىدۇ.

زۇنۇن تىيىپنىڭ قوش گىراژدان بولۇپ، ھەم شەرقىي تۈركىستان، ھەم سوۋېت پۇقراسى ئىدى. ئۇ تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ رەزىللىك، شۇملۇق ۋە قۇۋلۇق بىلەن تولۇپ كەتكەن ياۋۇز، قارا نىيىتىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئوينىلىۋاتقان بارلىق سىياسىي ئويۇنلارنى بەش قولدەك بىلىپ تۇراتتى.

زۇنۇن تىيىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرىدىن بىرسى بولغان مەرغۇپ ئىسھاقوف بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا دوكلات يېزىپ، سوۋېتقا چىقىپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان غۇلجا، بۆرتالا، چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەنلا چېگرا ئىدى.

زۇنۇن تىيىپ 1962-يىلى قول ئاستىدىكى ئەسكەر ۋە ئونمىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باشلاپ، خىتاي بېسىپ ياتقان شەرقىي تۈركىستان، سوۋېت چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىختىكى خىتاي ۋە چەت ئەلنى چۆچۈتكەن، شەرقىي تۈركىستاننى زىلزىلىگە سالغان «شەرقىي تۈركىستان چېگراسىدىن قېچىش» ۋەقەسىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە قوماندانىدۇر.

زۇنۇن تىيىپ 1962-يىلى كىرىشى بىلەن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماستىن، تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ. ئۇ بۇ ۋاقىتتا كەسكىن قارارغا كېلىپ، قول ئاستىدىكى كونا ھەم يېتەرسىز قوراللار بىلەن قوراللانغان ئازغىنە ئەسكەرلىرى بىلەن خىتايغا قارشى يەنە بىر قېتىم كۈرەش قىلىشقا بەل باغلايدۇ.

زۇنۇن تىيىپ 1962-يىلىنىڭ بېشىدا قول ئاستىدىكى گېنېرال مەرغۇپ ئىسھاقوف بىلەن بىرلىكتە جىددىي تەييارلىق قىلىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي، بۆرتالا، غۇلجا رايونلىرىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي بازىلىرى ۋە ئىدارە-ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن خىتاي ئەسكىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى يوقىتىدۇ. خىتاينىڭ ئاساسلىق قىسىملىرىغىمۇ قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلارغا خۇددى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوخشاشلا نەچچە يۈزمىڭ كىشىلىك ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالغان بولغاچقا، ئۇ يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم كۈتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى پەقەت چېگراسىنى ئېچىپ بېرىش بىلەن بولدى قىلىدۇ.

زۇنۇن تىيىپ قول ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرىگە قارشى قولىدىن كېلىشىچە ئۇرۇشۇپ كۆرىدۇ. ئامال بولمىغاندىن كېيىن, شەرقىي تۆت ۋىلايەتتە خەلقىگە خىتاب قىلىپ، پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشلىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشنى تەشۋىق قىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەزىيەت بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەندىن كېيىن، ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردەم قىلغان بولۇپ ياخشىچاق بولۇش، ھەم ئۆزىنىڭ ئىش كۈچىنى تولۇقلىۋېلىش مەقسىتىدە چېگراسىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

1962-يىلى 4-ئايدا ئالتاي، تارباغاتاي ۋە بۆرتالادىن غۇلجىغىچە بولغان تۆت ۋىلايەتتىكى يىگىرمە نەچچە ناھىيە ئىككى مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستاننىڭ سوۋېت بىلەن چېگراداش رايونلىرىدىكى تەخمىنەن 60 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئۆي-بىسات، يەر-زېمىنلىرىنى تاشلاپ، گويا مەۋج ئۇرۇپ قىرغاققا ئۇرۇلغان دېڭىز دولقۇنىدەك ھەرىكەتلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان چېگراسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

مۇشۇ مەزگىلدە زۇنۇن تىيىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەرغۇپ ئىسھاقوف قاتارلىق قول ئاستىدىكى 40 تىن ئارتۇق گېنېرال، ئوفىتسېر، قوماندانلىرىنى ۋە بىرقىسىم ئەسكەرلىرىنى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ.

 تاجاۋۇزچى خىتاي 1955-يىلى 1-ئايدا ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ بارماق بىلەن سانىغۇدەك ئەڭ چوڭ گېنېراللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىمۇ ئەسكەرلىكتىن چېكىندۈرۈپ، ئاددىي كادىر قىلىپ قويىدۇ. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف (1915-1970) ئەھۋال بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەندىن كېيىن قايتا-قايتا ئويلىنىپ، ئىشغالىيەتچى كوممۇنىست خىتايغا قارشى «يېتىپ ئۆلگىچە ئېتىپ ئۆل» دەپ ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىشقا بەل باغلايدۇ.

1946-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۇرۇش توختىتىپ، مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى بىلەن 11 ماددىلىق كېلىشىم تۈزگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرى بۇ كېلىشىمگە قاتتىق نارازى بولغان. 1946-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى غۇلجا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدىن قاتتىق خەۋپسىرىگەن گېنېرال ۋە ھەر دەرىجىلىك ياشلاردىن تەركىب تاپقان 15 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ئابدۇكېرىم ئابباسوف (1921-1949)نىڭ باشچىلىقىدا مەخپىي ھالدا «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى خەلق پارتىيەسى» ئىسىملىك بىر پارتىيە قۇرىدۇ. بۇ پارتىيەنىڭ يەتتە كىشىلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفمۇ بار ئىدى.

1962-يىلى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف رەھبەرلىكىدە، ئۈرۈمچىدە قاتتىق مەخپىيەتلىك ئىچىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى خەلق پارتىيەسى”نىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ. قۇرۇلتايدا مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف بۇ پارتىيەنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ مەركىزى كومىتېت ئەزالىرى 25 كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف بۇ ۋاقىتتا نامدا خىتاي خەلق ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى ۋە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى» تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان پارتىيەسىنىڭ قەپەستىن چىقىشى ۋە يوقىتىلىشى» دېگەن ماتېرىيالدا تۆۋەندىكىدەك مەلۇماتنى ئۇچرىتىمىز:

«شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى” 1967-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى، قەشقەردە قايتىدىن مەخپىي تەرتىپكە سېلىندى. كېيىن يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىنغان ۋاقتىنى 1960-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى دەپ ئۆزگەرتتى. 1962-يىلى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تەشكىللەندى. 1969-يىلى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە ئۈرۈمچى شۆبىسى ئالتاي شۆبە بىيۇروسى، ئىلى كومىتېتى، بۆرتالا شۆبە بىيۇروسى، قەشقەرنى مەركەز قىلىپ جەنۇبىي تەڭرىتاغ بىيۇروسى قاتارلىق تارماق ئاپپاراتلارنى قۇردى. 78 ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 22 رايون دەرىجىلىك ئورۇنلارغىچە كېڭەيدى...».

مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف سىياسىي پىروگراممىسى ئەڭ ئېنىق، مەخپىيەتلىكى ئەڭ چىڭ بولغان، ئەزا سانى ئىككى مىليونغا يېقىنلىشىپ، 78 ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيگەن، بىر قىسىم كۈچلىرى چەت ئەللەرگىچە تارقالغان، ئاتمىش مىڭدىن ئارتۇق ئىسسىق -سوغۇقنى بېشىدىن كەچۈرگەن تەجرىبىلىك ئەزاغا ئىگە جەڭگىۋار بىر پارتىيەگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ ئالدىدا، ئىستراتېگىيە جەھەتتە خىتاي ۋە رۇس كومپارتىيەسىنىڭ قورشاۋىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ توغرا سىياسىي پىروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىشتەك بەكمۇ نازۇك ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەت تۇراتتى. بۇلار ئەڭ ئىشەنگەن ئىستالىن (1878-1953) بولسا ئاللىبۇرۇنلا بۇ پارتىيەنىڭ 132 غوللۇق ئەزاسىنىڭ ئىسىملىكىنى ماۋزېدۇڭ (1893-1976)غا يوللاپ بەرگەن ئىدى.

1965-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ باش جىنايەتچى ماۋزېدۇڭنىڭ بىۋاسىتە قول تىقىشى بىلەن ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلىنىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ ھەرىكەتنىڭ تىغ ئۇچى ئاساسلىق ئۇيغۇر كادىرلارغا، بىلىملىك زىيالىيلارغا ۋە دىنىي ئۆلىمالارغا قارىتىلىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلار «ۋاڭ ئىنماۋنى قوغدىغۇچىلار، قارشى چىققۇچىلار ۋە ھەر ئىككى تەرەپكە قارشى تۇرغۇچىلار» دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلق پارتىيەسى بولسا، بۇ ئۈچ سەپنىڭ ھەممىسىگە ئادەملىرىنى تەكشى كىرگۈزۈۋالىدۇ.

1968-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاي بىلەن سوۋېتنىڭ شەرقىي شىمالىدا، ئامۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى جىنباۋداۋدا چېگرا توقۇنۇشى يۈز بېرىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى تېرەكتى رايونىدا يەنە بىر قېتىم قوراللىق توقۇنۇش بولىدۇ. بۇلار بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يامانلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى. شۇ ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلق پارتىيەسى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 12 قېتىم سوۋېت ۋە موڭغۇلىيەگە ئادەم ئەۋەتىپ قورال، تېلېگراف ئاپپاراتى ھەمدە ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سوۋېت بۇلارغا 9 قېتىمدا 14 ئادەم قېتىم قورال، تېلېگراف ئاپپاراتى ۋە ھەرىكەت خىراجىتى كىرگۈزۈپ، بۇلار بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ ئەڭ زور ئۈمىدى چەت ئەلنىڭ (سوۋېتنىڭ) ياردىمى ئىدى. ۋەدىلەر، كېلىشىملەر، ھايات-ماماتتا بىرگە بولۇش، ھەتتا قەسەملەر...

 مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفمۇ ئىنتايىن سەگەك ئىدى. ئۇلار ۋەزىيەتنىڭ تولىمۇ ئىنچىكە ۋە نازۇك ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. ئۆز ئىچىدە كوممۇنىزمغا، سوتسىيالىزمغا سادىق مىللىي مۇناپىقلارنىڭ بارلىقىنى ئۆز ۋاقتىدىلا بىلىپ يەتكەن ئىدى. چۈنكى بۇرۇنلا بۇلارنىڭ غوللۇق 132 ئادىمىنىڭ تىزىملىكى ئىستالىن ئارقىلىق ماۋزېدۇڭغا ئەۋەتىپ بېرىلگەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتىپ ئۆلگەندىن ئېتىپ ئۆلۈش ئەلا ئىدى. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر مۇستەقىللىق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1969-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىدۇ.

لېكىن مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف باشقا چارە بولمىغانلىقتىن بىلىپ تۇرۇپ ئىشىنىشكە مەجبۇر بولغان سوۋېت قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۈچ كۈن قالغاندا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگە يەنە ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى خەلق پارتىيەسىنىڭ بارلىق پىلانىنى ماۋزېدۇڭغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

بۇ ئەھۋاللاردىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپقان خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جۇئىنلەي (1898-1976) قاتتىق چۆچۈپ، 1969-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى بىۋاسىتە قول سېلىش بۇيرۇقى بىلەن چاقماق تېزلىكىدە يۈزمىڭلىغان باسمىچى ئەسكەرلىرىنى يۆتكەپ كېلىشكە، بارلىق بىڭتۈەن قىسىملىرىنى ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىرلا ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى 15 شەھەردە ھەربىي ھالەتكە ئۆتىدۇ. بارلىق قاتناش قامال قىلىنىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا قەشقەرنى يەنىلا ئاخۇنوف ئەمەت (1915-1969) رەھبەرلىكىدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى خەلق پارتىيەسى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتاتتى. مانا بۇ ۋاقىتتا خىتاي مەخسۇس ئەسكەر چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېسىپ كىرىپ، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنى تۇتقۇن قىلىدۇ. ئەمما مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف تۇتقۇن قىلىنىشتىن بۇرۇن ئاخىرقى قېتىم قەشقەردىكى قوماندان ئاخۇنوف ئەمەتكە ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ باشلاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدۇ.

ئاخۇنوف ئەمەت ئەينى چاغدا ماناس دەرياسى بويىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ ئىچىدىكى 11 بىتىمگە قارشى چىقىپ، كۆپ قېتىم قول ئاستىدىكى قىسمىنى باشلاپ ماناس دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بىر قوماندان ئىدى. شۇنداقلا 1962-يىلى شەرقىي تۈركىستان چېگراسىدا خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەندە، قول ئاستىدىكى ئاتالمىش «5-كورپۇس ئارمىيەسى» دەپ ئىسىم قويغان شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنى باشلاپ، ھەش-پەش دېگۈچە ھىندىستاننىڭ پولات ئىستىھكاملىرىنى ئېلىپ، نامى چىقىپ كەتكەن بىر قوماندان ئىدى.

ئاخۇنوف ئەمەت مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ئەمما خىتايلار بارلىق كوچا، يول ئېغىزلىرى ۋە ئالاقە-ئۇچۇر، تېلېفون ... قاتارلىقلارنى كونترول قىلىپ بولغان ئىدى. بۇلاردىن باشقا خىتاينىڭ ھەممە قاتلاملاردىكى جاسۇسلىرى، مىللىي مۇناپىقلار ئۆز رولىنى جارى قىلىشقا باشلايدۇ.

8-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىسى قەشقەر خىتاينىڭ مىڭلىغان ئەسكەر ۋە ساقچىلىرى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. بۇ كۈنى ئومۇميۈزلۈك چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ، قەشقەر بىيۇروسىنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىرىدىن 18 ئادەم تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئاخۇنوف ئەمەت بولسا قىزىنىڭ ياردىمى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ.

قېچىپ قۇتۇلغان ئاخۇنوفنى سەپداشلىرىدىن غازاخۇن ھارۋىغا بېسىپ، مەخپىي ھالدا قۇربان نىيازنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزىدۇ. ئاخۇنوف بۇ ئۆيدە مەخپىي يىغىن ئاچىدۇ. بۇ يىغىنغا يىراق-يېقىندىكى تەشكىلاتنىڭ ئامان قالغان مۇھىم رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدۇ.

ئاخۇنوف ئەمەت ئەسلىدە مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىنقىلاب باشلاش توغرۇلۇق ئاخىرقى بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كېچىكتۈرمەستىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمەكچى بولغان. ئەمما ھەممىنى بىلىدىغان بىر قىسىم قورقۇنچاق، بىلەرمەنلەر يۇقىرىدىن سورايلى دەپ تۇرۇۋالغان بولسا، ئۆزىنى پەقەتلا چەت ئەلنىڭ قۇتقۇزۇشىغا ئاتىغان يەنە بىر قىسىم باشلىقلار چەتئەلگە چىقىپ كېتىش پىكىرىدە چىڭ تۇرۇۋالغان. روزى ھېكىم باشلىق مەكىتتىكى ئىنقىلابچىلار: «ھازىر قولىمىزدا 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىمىز بار، قورالىمىزنىڭ سانىمۇ نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ. بار كۈچىمىز بىلەن ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ باشلىساق، يەنە خىتايلاردىن نۇرغۇن قورال-ياراغ غەنىيمەت ئالالايمىز، يەنىلا كۈچىمىز يەتمىسە ئاندىن چەت ئەلدىن كېلىدىغان كۈچلەرنى كۈتسەك، بولمىغاندا چېگرادىن بۆسۈپ چىقىپ كەتسەكمۇ بولىدۇ» دەپ پىكىر بىلدۈرگەن. بۇ پىكىرلەرنى ئاخۇنوف قەتئىيلىك بىلەن قوللىغان. ئەمما كۆپىنچە بىلەرمەن باشلىقلار «چەت ئەل»نىڭ ئېغىزىغا قارايمىز دەپ تۇرۇۋالغان.

ئاخۇنوف ئەمەت ئاخىرى ئۆزلىرىنى چەت ئەلنىڭ قۇتقۇزۇشىغا ئاتىغان باشلىقلارنىڭ رايىغا بېقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئاخۇنوف ئەمەت مەكىت ئىنقىلابچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن روزى ھېكىم، مۇھەممەد ئىمىن قادىرلارغا بۇيرۇق بېرىۋەتكەندىن كېيىن، 1969-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە مىجىت سىلىڭ (مىجىت ساقى 1940-1970) قاتارلىق قەشقەر شەھىرىدىن تاللانغان 25 كىشى بىلەن بىر قارا ماشىنىدا سوغۇنچازىغا يېتىپ كېلىپ، مەكىتتىن كېلىدىغان ئىنقىلابچىلارنى ساقلايدۇ.

مۇھەممەد ئىمىن قادىر ئاخۇنوفنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۈلگۈرۈپ كېلەلىگەن 45 ئادىمىنى ھاشاردىن قايتقاندەك جابدۇپ، قارا ماشىنىغا چىقىپ، قوراللىرىنى تاغارغا قاچىلاپ، ئاستىغا قويۇپ، ئورۇندۇق قىلىپ ئولتۇرۇشۇپ يولغا چىقىدۇ. بۇلار مېڭىپ سوغۇن چازىغا يېقىنلاشقاندا بىر ئېرىققا دۇچ كېلىپ ماشىنىسىنى توختىتىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا تەرەپ-تەرەپتىن مىڭلىغان خىتاي ئەسكەرلىرى چىقىپ بۇلارنى قورشىۋالىدۇ. بۇلارنىڭ قوراللىرى ئاستىدىكى تاغاردا بولغاچقا قارشىلىق كۆرسىتەلمەي ھەممىسى ئەسىرگە چۈشىدۇ.

ئاخۇنوف ئەمەت مۇھەممەد ئىمىن قادىرنىڭ ئىنقىلابچىلىرىنى خېلى ساقلىغان بولسىمۇ، ئۇلار يېتىپ كېلەلمىگەندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ماشىنىنى تاشلاپ قويۇپ، يېنىك قوراللىرىنى ئېلىپ كېچىلەپ پىيادە يولغا چىقىپ، 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سۈبھى بىلەن قاراجۈل يېزىسىنىڭ كەڭرال دەپ ئاتالغان يۇلغۇنزارلىقىغا يېتىپ كېلىپ، چەت ئەلدىن (يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن) ياردەمگە كېلىدىغان قوشۇننى ساقلايدۇ.

تاڭ ئېتىپ سائەت 14:00 كە يېقىنلاشقاندا بۇلارنى ئىزدەپ يۈرگەن خىتاينىڭ ئەسكەر باشلىقلىرى دۇربۇن بىلەن يىراقتىن ئاخۇنوف ئەمەتلەرنى كۆرۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەچچە مىڭ خىتاي ئەسكىرىگە قارشى ئاخۇنوف ئەمەتنىڭ 25 ئادىمىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تەڭسىز ئۇرۇش باشلىنىدۇ. قاراجۈلدىكى بۇ ئۇرۇش ئالتە سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلىدۇ. خىتاي ئەسكەرلىرى ئىككى قېتىم چېكىندۈرۈلىدۇ. ئەمما ئاخۇنوفلارنىڭ ئوق-دورىلىرى تۈگەيدۇ، چەت ئەلدىن ياردەمچى قوشۇنمۇ كەلمەيدۇ. خىتايلار 3-قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇلاردىن بىرقانچىسى شېھىت بولىدۇ. خەيرۇللا، ئوسمانجانلار ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن، بىر-بىرىنى يۆلىشىپ، تەسلىم بولغان قىياپەتتە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئاخىرقى بومبىسىنى پارتلىتىپ، ئالتە خىتاي ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزلىرىمۇ شېھىت بولىدۇ. مىجىت قوماندان يارىلىنىپ، ئاخىرقى ئوق بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋالغان بولسىمۇ ئۆلمەي قالىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا بارلىق ئوقى تۈگىگەن ئاخۇنوف ئەمەت چاپان-كۆڭلەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، مەيدىسىنى ئېچىۋېتىپ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ بىر بۇرجىكىگە يۆگەپ ساقلاپ قويغان ئاخىرقى ئوق بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋالىدۇ.

1970-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئېغىر مۇسىبەت كۈنى بولىدۇ. بۇ كۈنى تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەر-ۋىلايەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى خەلق پارتىيەسىنىڭ 78 رەھبىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلىدۇ. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف بولسا 1970-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، مەخپىي ھالدا دوختۇرخانىدا زەھەرلىك ئوكۇل بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى ئاخىرلىشىدۇ.

 

- «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەييارلاندى

 

بۇ خەۋەر 1457 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2020 18:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق