« 2020- يىلى دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئايال» تىزىملىكىدە بىر ئۇيغۇر ئورۇن ئالدى

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ بىرى بولغان BBC بۈگۈن « 2020- يىلى دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئايال» تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، «ئايخان مائارىپى» ۋە «ئايخان فوندى»نىڭ قۇرغۇچىسى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالغان.

ياش شائىرە، يازغۇچى، مائارىپچى مۇيەسسەر خەندان مالايشىيادا مېدىتسىنا كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2013-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ۋە شۇنىڭدىن بېرى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئايخان مائارىپى» يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل دەرسلىرى بويىچە تەربىيەلەپ كەلدى. بۇ جەرياندا ئايخان مائارىپى نامىدا تەشكىللەنگەن «مەن - ناتىق» نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئايخان مائارىپىنىڭ مەسئۇللۇقىدا تۈزۈپ چىقىلغان پەسىللىك بالىلار ژۇرنىلى «تۆتقۇلاق» مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۈپەتلىك بالىلار ئوقۇشلۇقىنىڭ كەم بولۇشىدەك بوشلۇقنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇشلۇقنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

بۇلاردىن سىرت، مۇيەسسەر خەندان يازغان «خەير-خوش، قۇياش» ناملىق رومان خىتاينىڭ جازا لاگېرى تەسۋىرلەنگەن تۇنجى رومان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان.

ئۇيغۇر تىلى خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇش ۋە يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇ تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.

بۇ خەۋەر 5937 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2020 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق