تاشكەنت شەھىرىدە تۇرۇشلۇق دىنىي ئۆلىما، شۇنداقلا تور دۇنياسىدا مىڭلىغان ئەگەشكۈچىسى بار ئۆزبېك ئالىم ئەبرار مۇختار ئەلى ئۇستاز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىن تارقىتىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى، شۇنداقلا كۆپلەپ خىتاي نوپۇسى يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۆز ۋاقتىدىكى لېنىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىتى قانداق بولغان بولسا، بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئىكەنلىكىنى ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ھەربىر مۇسۇلماننىڭ مۇشۇنداق چۈشەنچىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.