شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاشار كېچە-كۈندۈز داۋاملاشماقتا

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قولچىراغلار بىلەن يېرىم كېچىدىمۇ ھاشار ئۈچۈن كۆچەت تىكىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى يىللاردا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن تەڭ ھاشار سىياسىتىمۇ ئېغىرلىغان بولۇپ، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنىڭمۇ ھاشارغا چىقىشقا مەجبۇرلانغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. بۇندىن بۇرۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىمۇ يول قۇرۇلۇشى، كۆچەت تىكىش، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى قاتارلىق ھاشارلارغا سېلىنغانلارنىڭ %90ىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ كۆرۈنۈشلەر بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ جازا لاگېرى سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن ئەرلەرنىڭ زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن مەجبۇرىي ئەمگەك، ھاشار سىياسىتىنىڭ كېچە-كۈندۈز، ئەر-ئايال، قېرى-ياش دېمەستىن تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 3116 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2020 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق