دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يېڭى ئورتاق چۈشەنچىسى: خىتاي كومپارتىيەسى دۇنياغا زىيانلىق ۋىرۇستۇر

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي ئامېرىكىدىكى داڭلىق بىخەتەرلىك مۇنبىرى ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلىدا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدا تولۇق بۇرۇلۇش ھاسىل بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يېڭى ئورتاق چۈشەنچىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «دۇنياغا زىيان يەتكۈزىدىغان ۋىرۇس» دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، باش ئىشتابى كاناداغا جايلاشقان ھالىفاكس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا «خىتاي ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر – بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ تۇتۇشۇش» ناملىق كىتابچىنى ئېلان قىلغان. مۇنبەرنىڭ رەئىسى پېتېر ۋان پىراگ مەزكۇر دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە: «2020-يىلى دېموكراتىك دۇنيانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. كونكرېت ئېيتقاندا، ئۆتمۈشتىكى ئەنئەنىۋى قاراشتا ئىقتىسادى گۈللەنگەن خىتاي ئاخىرىدا ئۆز خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ئېلىپ كېلەلەيدۇ، دېيىلگەن بولسا، يېڭى ئورتاق قاراشتا خىتاي كومپارتىيەسى دەل دۇنياغا خەتەر ئېلىپ كېلىۋاتقان ۋىرۇس، دەپ قارالماقتا» دەپ يازغان.

يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 250 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسنىڭ پىكىرى توپلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلىقى، دېموكراتىك دۆلەتلەرگە قىلغان ھۇجۇمى، ئىستراتېگىيەلىك پىلانى قاتارلىقلار نۇقتىلارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، تەپسىلىي ئىسپاتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن تەھدىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ دېموكراتىك دۆلەت ۋە دېموكراتىيەگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملاشقانلىقى، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بولغان مەيدانىنى ئۆزگەرتىشتىن خېلى بۇرۇنلا خىتاينىڭ يولسىزلىقىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئاندىن خىتاينىڭ تەھدىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە 2020-يىلى باشقا دۆلەتلەر خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولغان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ تەيۋەن، خوڭكوڭ، جەنۇبىي دېڭىز ۋە ھىندىستان چېگراسىدىكى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ غەربنى تېخىمۇ چۆچۈتكەنلىكى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G تېخنىكىسىنى چەكلىگەنلىكى بۇنىڭ بىر ئەمەلىي ئىپادىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 861 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2020 13:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق