تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلار 139 گە يەتتى

20-نويابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 6017 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 155 مىڭ 516 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 6017 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. بىر كۈن ئىچىدە يەنە 139 كىشى قازا قىلغان. 3812 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 374 مىڭ 637 گە، قازا قىلغانلار 12358 گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە: «بىز يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا يەنىلا چەكلىمىلەرنى ئۆزلۈكىمىزدىن يولغا قويۇشىمىز كېرەك، ئەگەر بىرلىكتە تەدبىر قوللانساق، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز چەكلىمە قويساق، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن بولغان كۈرىشىمىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ... قول تازىلىقى، ماسكا تاقاش ۋە ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق تەدبىرلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 742 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2020 12:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق