شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن چاقىرىق

19- نويابىر شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن بىر ھەيئەت ھىندونېزىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، باش ئەلچى لالۇ ئىقبال مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتتە بولغان ۋە ھىندونېزىيەدىكى ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى ۋە ھازىرمۇ ھىندونېزىيەدە 2021-يىلى جازا مۇددىتى توشىدىغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئېرىشكەن ئىدى.

20-نويابىر شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىنلىق بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلارغا خىتاب قىلدى.

ئۇ سۆزىدە ھازىر ھىندونېزىيەدە تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنى يوقلاپ كېلىش، خەلقنىڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ھەققىدە ئىلتىماس سۇنۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىمكانىيەتلەرنى تەييار قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

بۇ خەۋەر 5834 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2020 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق