شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆسمۈرلەر خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى بىلەن مىليونلىغان سەبىي بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، قارىغۇچىسىز قالغان ئىدى. بۇ ئەھۋالنى پۇرسەت بىلگەن خىتاي «پەرىشتىلەر ئۆيى» نامىدا نۇرغۇنلىغان بالىلار لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئاتا-ئانىسىز قالغان بالىلارنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، خىتايلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى بالىلار لاگېرىنىڭ ھويلىسىدا تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان 50تىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىنىڭ ئوخشاش فورما كىيگەن ھالدا ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرغانلىقى ۋە بىردەك «خىتاي بىزنىڭ ئانىمىز، بىز ئانىمىزنى سۆيىمىز، خىتاينى سۆيىمىز» دەپ خىتايچە ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن.

بۇندىن بۇرۇن تارقالغان ئۇچۇرلاردىمۇ بالىلار لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ خىتايچە ئۆگىنىشتىن سىرت، ھەپتىدە يەنە مەخسۇس بىر كۈن كوممۇنىست پارتىيەنى مەدھىيەلەيدىغان، خىتايغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان «پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش» ناملىق دەرسلەرنى مەجبۇرىي ئۆگىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 2946 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2020 13:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق